UYGUR TV

8/5/2024 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتىنى ئەيىبلىدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتىنى ئەيىبلىدى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي دىكتاتورى شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ سەل قارىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئالتە كۈنلۈك ياۋروپا زىيارىتىدە بولۇۋاتقان شى جىنپىڭ بۇلتۇر رۇسىيە زىيارىتىدىن باشقا، 2019-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ياۋروپاغا زىيارەتكە كەلگەن. د ئۇ ق رەئىس دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېدى: «فرانسىيە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە خوڭكوڭدا، شۇنداقلا پۈتۈن ياۋروپادا قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان بېسىمىنى كۈنسېرى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.» ئۇ يەنە: «فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئوچۇق ئاشكارە كۈن تەرتىپكە كەلتۈرۈشى كېرەك. چۈنكى فرانسىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قوبۇل قىلغان» دېدى. مالايسىيا ئىسلامىي تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن تەشكىللەنگەن 4 كىشىلىك ھەيئەت يېقىندا مالايسىياغا بېرىپ، ئىسلامىي تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرىدە بولغان. پائالىيەتتىن كېيىن، مالايسىيادىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلار ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ۋە ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە جاكارلىغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مالايسىيادىكى ئەڭ چوڭ غەلىبە شۇ بولدىكى، 30-ئاپرېل كۈنى مالايسىيادىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلار ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى، پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ پەلەستىن مەسىلىسىگە ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، مالايسىيادىكى پائالىيەتلىرىمىزنى توسۇشقا تىرىشىۋاتقان خىتايغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاب بولدى.» ئامېرىكىنىڭ يېڭى قارارى: خۇاۋېينىڭ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلدى ئامېرىكا ئۆزەك ئېكسپورتى ئۈچۈن خىتاي تېخنىكا شىركىتى خۇاۋېيغا بېرىلگەن بىر قىسىم ئىجازەتنامىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تېخنىكا ساھەسىدە يېڭى دولقۇن پەيدا قىلدى. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى سەيشەنبە كۈنى خىتاي تېلېگراف ماگناتى خۇاۋېي تېخنىكا شىركىتىگە ئۆزەك ئەۋەتىشكە رۇخسەت قىلىدىغان بىر قىسىم ئىجازەتنامىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قەدەمنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خۇاۋېينى تېخىمۇ چەكلەش ئۈچۈن پارلامېنتنىڭ بېسىمى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى مەلۇم. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئېلىسې ستېفانىك مۇنداق دېدى: «بۇ ھەرىكەت ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى قوغدايدۇ ۋە كوممۇنىست خىتاينىڭ تېخنىكىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ». خىتاي خاككېرلىرى ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ھۇجۇم قىلغان ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ ھۇجۇم ئەنگىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خادىملىرى ۋە بىر قىسىم پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، مائاشى ۋە بانكا ئۇچۇرلىرىنى نىشان قىلغان. خىتاي تەرەپ ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىزمەتچىلىرىنى ئۆز ئىچى ئالغان كىشىلەرگە ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم خاككېرلىق ھۇجۇمى قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ ئاخىرقى قورغىنى بولغان رافانى بومباردىمان قىلدى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە قىرغىنچىلىقىدا ئاچقان يېڭى سېپىدە ھۇجۇملار داۋاملاشماقتا. پەلەستىن خەلقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پاناھگاھى بولغان رافاھقا قارشى ھەرىكەت باشلاشنى قارار قىلغان ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى چېگرا رايونىنى 24 سائەتتىن ئارتۇق بومباردىمان قىلدى. غەززە سەھىيە مىنىستىرلىكى ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە شەھەردە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 54 پەلەستىنلىكنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 96 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. رافاھنىڭ شەرقىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى بىلەن پەلەستىن گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. ئارگېنتىنا يېڭى ئون مىڭ پېسو قەغەز پۇلى ئوبوروت قىلىدۇ پۇل پاخاللىقى يۇقىرى بولغان جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئارگېنتىنادا، قىممىتى 11 ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ بولغان تۇنجى 10 مىڭ پېسو قەغەز پۇل ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur