UYGUR TV

3/5/2024 ئۆتكەن يىلى خىتايدا تۇتۇلغان يازغۇچىلار 100 دىن ئېشىپ كەتكەن

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر پايلاقچىلىق قىلىۋېتىپ ھىدايەت يولىنى تاپقان سېكرېتار يەتتە يىللىق كېسىلگەن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا 2010‏-يىللاردا كۈچىيىپ داۋام قىلغان دىنىي ساھەگە قارىتا تەقىب ۋە نازارەتلەر جەريانىدا، بىر قىسىم كەنت كادىرلىرى سىياسىي ئىدىيە ۋە مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كەچكەن ۋە جامائەتنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلگەن. بۇ كىشىلەر 2017‏-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان. دەلىللىنىشىچە، ئەنە شۇلاردىن بىرى، پەيزىۋاتنىڭ تېرىم يېزىسىدىكى سابىق كەنت سېكرېتارى ياسىن تۇرسۇندۇر. ئىگىلىنىشىچە، پەيزىۋاتنىڭ تېرىم يېزىسى تېرىم كەنتىنىڭ سېكرېتارى ياسىن تۇرسۇن، ئۆزى پايلاقچىلىق قىلىۋاتقان دىنىي سورۇندىكى تەبلىغلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئادەتتە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان كەنت ۋە يېزىنىڭ كەيپى-ساپالىق زىياپەت سورۇنلىرىدىن يىراقلاشقان. ئۇنىڭدىكى بۇ ئۆزگىرىش ئۇنىڭ ئايال-بالىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى مەمنۇن قىلغان بولسىمۇ، دائىرىلىرىدە بىئارامچىلىق پەيدا قىلغان. ئۇ ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ب د ت تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىشنى رەت قىلغان «يېڭى ئىنسانپەرۋەرلىك» نامىدىكى بىر ئورگاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئىچكى ھۆججىتىگە ئاساسەن خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئورگان تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بۇ دۆلەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇر مۇساپىرغا ياردەم قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇلارنىڭ بەشى 2020-يىلى قېچىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، قالغان 43 كىشى بانكوكتىكى سۇئەن فلۇ كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە ناچار ۋە تار شارائىتتا گۇناھسىز تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، ئادۋوكاتلىرى ھەتتا باشقا مەھبۇسلار بىلەن ئالاقە قىلىشىمۇ چەكلەنمەكتە. ئۆتكەن يىلى خىتايدا تۇتۇلغان يازغۇچىلار 100 دىن ئېشىپ كەتكەن ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 1-ماي كۈنى ئېلان قىلغان «2023-يىللىق يېزىقچىلىق ئەركىنلىكى سانلىق مەلۇمات كۆرسەتكۈچى» دوكلاتىدا، خىتايدا تۇتۇلغان يازغۇچىلارنىڭ 100 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان. دوكلاتتىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە 339 يازغۇچى ئەركىن پىكىر قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تۇتۇلغان بولۇپ، خىتايدا تۇتۇلغان يازغۇچى بۇ ساننىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 107 يازغۇچىنى تۈرمىگە تاشلاپ، مەھبۇس يازغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندا رەسمىي ئىستاتىستىكىلارغا كىرگۈزۈلمىگەن، ئەمما تۈرلۈك شەكىلدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان نۇرغۇن يازغۇچى- شائىر بار. شى جىنپىڭ ياۋورپادا بەش كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، شى جىنپىڭ 5-10-ماي ئارىلىقىدا فرانسىيە، سېربىيە ۋە ۋېنگىرىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىكەن. بۇ شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىلقى تۇنجى قېتىملىق چەتئەل زىيارىتى، ئۈچىنچى قېتىملىق فرانسىيە زىيارىتى، ئىككىنچى قېتىملىق سېربىيە زىيارىتى ۋە تۇنجى ۋېنگىرىيە زىيارىتى ھېسابلىنىدىكەن. گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى خىتايغا زور مەبلەغ سالىدۇ گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى BMW خىتايغا يەنە 2 مىليارد 760 مىليون دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ۋە بۇ مەبلەغنىڭ خىتايغا بولغان باغلىنىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ شىركەت خىتايدىكى يەرلىك رىقابەت سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن سېتىش نىسبىتىنى يەنە ئاشۇرۇشنى خالايدىكەن. پاكىستان بىلەن خىتاي 25 مىليون دوللارلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كېلىشىمى ئىمزالىغان خەۋەر قىلىنىشىچە، پاكىستان خىتايدىن يەنە 10 دانە سەيخوڭ -4 تىپلىق ئوتتۇرا مەنزىللىك ۋە ئۇزۇن چىدامچانلىق ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋېلىش ئۈچۈن 24 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە كېلىشىم ئىمزالىغان. فرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىنگلىز تىلىغا قارشى فرانسىيەدە پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسى بولغان دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللانغان ئەڭ يېڭى قاراردا، پارلامېنت ئەزالىرى 2024-يىلدىكى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىمكانقەدەر فىرانسۇز تىلىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ چاقىرىقنىڭ مەركىزىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئاننى گېنۋارد پارلامېنتتىكى سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ: «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تىلىمىزنىڭ تەسىرىنى يوقاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur