UYGUR TV

2/5/2024 كوچا-رەستىلەردە ئۇيغۇر يوق: ئۇيغۇرلار نەدە؟

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر كوچا-رەستىلەردە ئۇيغۇر يوق: ئۇيغۇرلار نەدە؟ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن، رايوندىكى ئاساسلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن تولۇپ تۇرىدىغان شەھەرنىڭ ئاۋات كوچىلىرى ۋە ئادەم توپلاشقان بازارلار بارغانسىرى چۆلدەرەپ قالغان. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ «ئۇيغۇرلار خۇشال» تەشۋىقاتى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ، «ئۇيغۇرلار نەگە غايىب بولدى؟» دېگەن سوئالنى پەيدا قىلدى ھەمدە رايوندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ يەنىلا ئاكتىپ ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. روزا ھېيت ھەپتىلىكىدە خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىگە تارقالغان سىنلاردا بىر زامانلار ئۇيغۇرلار بىلەن تولۇپ تۇرىدىغان بازارلارنىڭ چۆلدەرەپ قېلىشى دىققەت تارتتى. شۇ ۋىدېئولاردىن بەزىلىرىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدىكى دۇكاندارلار بۇ يىل روزا ھېيت ھارپىسىدىن ھېيت ئاخىرلاشقۇچە دۇكانلىرىغا كېلىدىغان خېرىدارلارنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. بىر دۇكاندار، «مەن مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمەن، بىز ھەقىقەتەن خېرىدارسىز دەم ئېلىش كۈنى ئۆتكۈزدۇق!» دەيدۇ. ئۇ سۆزى بىلەن كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. د ئۇ ق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگىنىنىڭ تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باياناتىنى قارشى ئالدى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىر ب د ت ئورگىنىنىڭ تايلاندتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىش ھەققىدە قىلغان چاقىرىقى ۋە دوكلاتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان بەش كىشى تايلاند ھۆكۈمىتىگە بىرلەشمە ئىلتىماس سۇنۇپ، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 43 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار ئىلتىماسىدا تۇتقۇندىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن شارائىتتا ياشاۋاتقانلىقى، بۇ جەرياندا بەش ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسىنىڭ نارەسىدە بالىلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئىلتىماس بىلەن قوشۇپ سۇنۇلغان دوكلاتتا يەنە خىتايدىن قېچىپ تايلاندتا تۇتۇلغان 350 ئۇيغۇردىن 173 ئادەمنىڭ 2015-يىل 7-ئايدا تۈركىيەگە قوبۇل قىلىنغانلىقى، 109 نەپەر ئەر-ئايال ۋە بالىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكىنىڭ ھازىرغىچە تېخى نامەلۇم ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن. تىبەت سىياسى رەھبىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى دىئالوگقا چاقىردى سۈرگۈندىكى تىبەت خەلقىنىڭ دېموكراتىك سايلانغان رەھبىرى شۋېتسارىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى دىئالوگنى قايتا باشلاشقا چاقىردى. سۈرگۈندىكى تىبەت خەلقىنىڭ دېموكراتىك سايلانغان رەھبىرى سىكيوڭ پېنپا سېرىڭ بەش دۆلەت زىيارىتىنى 28-ئاپرېل سيۇرىختىن باشلىغان. تىبەت ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە جەمئىيەتلىرى سىكيوڭنىڭ رەسمىي زىيارىتىنى قىزغىن قارشى ئالغان. سىكيوڭ دىتىكوندىكى تىبەت جەمئىيىتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن. خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە تاشيول گۈمۈرۈلۈپ 44 كىشى ئۆلگەن خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى مېيجۇ شەھىرىدىكى بىر بۆلەك تاشيول گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، ۋەقەدە 44 ئادەم ئۆلۈپ، 30 خىتاي يارىلانغان. دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1-ماي سائەت 15:00 تە گۇاڭدۇڭنىڭ مېيجۇ-داليەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ چياڭ بۆلىكىدە تاشيول گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن. بۇ ھادىسىدە 20 ماشىنا تاغ باغرىغا چۈشۈپ كەتكەن. ھادىسىدە 44 خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكى، 30 خىتاينىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن. نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى داۋاملاشماقتىكەن. خىتاي «تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشنى ئاساس قىلغان» دۇنيا بەرپا قىلماقچى ئەنگىلىيەدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ رەقەملىك مۇستەبىتلىك ئەندىزىسىنى چەتئەلگە ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ كەڭ پەن-تېخنىكا سانائىتى ۋە غايەت زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنىڭ ياردىمىدە، كامبودژا، مالايسىيا ۋە ۋيېتنام قاتارلىق قوشنىلارغا «ئەڭ ياخشى تەجرىبە» لايىھىسى تەمىنلىگەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى. ئىگىلىنىشىچە، ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي بۇ دۆلەتلەرگە تەمىنلىگەن 19 تۈرلۈك ماددا WiFi ياكى ئېلېكترونلۇق سودىغا ئېرىشىشنى كېڭەيتىشتىن باشقا ئىشلارنى قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئەنگىلىيەدىكى يەرلىك سايلاملاردا بېلەت تاشلاش باشلاندى ئەنگىلىيە ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئەنگىلىيە ۋە ۋېلىشتا كىشىلەر شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرى ۋە ساقچى كومىسسارلىرىنى سايلاش ئۈچۈن بىلەت تاشلاشقا باشلىدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur