UYGUR TV

30/4/2024 ب د ت مۇتەخەسىسى: خىتاي بىر مىللەتنى يوقاتماقتا

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ب د ت مۇتەخەسىسى: خىتاي بىر مىللەتنى يوقاتماقتا يېقىندا نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، مۇتەخەسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر تۈرلۈك تېمىلار بويىچە باھالاشلاردا بولغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، كىشىلەر دىققەت قىلمايۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ بىرى خىتاي زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىۋاتقان ياتاقلىق مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇر سەبىيلىرى، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ لاگېرلارغا ياكى تۈرمىلەرگە قامىلىشى تۈپەيلىدىن ئائىلە جۇدالىقىغا گىرىپتار بولغان بالىلار مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايچە تىل، خىتايچە مەدەنىيەت ۋە خىتايچە تۇرۇمۇش ئادەتلىرى بىلەن «تەربىيەلىنىدۇ». ب د ت نىڭ سابىق ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىلىرى بويىچە پەۋقۇلئاددە مەلۇماتچىسى فېرناند ۋارېننېس بۇ ئەھۋاللارنىڭ مەجبۇرىي خاراكتېرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ «بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي يوسۇندا بىر مىللەتنى يوقىتىش ياكى ۋەيران قىلىش قىلمىشى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى شۈركۈندۈرىدۇ. بىز بۇنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايمىز» دەپ كۆرسەتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دولقۇن ئەيسا بولسا، بۇ ۋەھشەتلەرنىڭ دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئېنىقلايدىغان سۈنئىي ئىدراك سۇپىسى ياسالغان ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئىككى يىلغا يېقىنلاشقان بىر ۋاقىتتا، ئالدىنقى ھەپتە يېڭى سۈنئىي ئىدراك قورالى تەتقىق قىلىپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ قورال ئارقىلىق مەخسۇس ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىقى بار تەمىنلەش زەنجىرىنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدىكەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، «تەمىنلەشنى ئىز قوغلاش» ناملىق قورال بولسا ئېچىۋېتىلگەن سۈنئىي ئىدراك سۇپىسى بولۇپ، بوستونغا جايلاشقان شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئەنگلىيەدىكى شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرلەشمە تۈرى ئىكەن. مەسئۇل خادىملار مەزكۇر سۇپا ئامېرىكا ئاۋازىغا مەلۇمات بېرىپ: «بۇ قورال سىناق باسقۇچىدا ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنغان كىيىم-كېچەكلەرنى ئىز قوغلاشقا ئالاھىدە مەركەزلىشىدىغان بولۇپ، كەلگۈسىدە باشقا رايون ۋە كەسىپلەرگە كېڭەيتىش پىلانلاندى» دېگەن. ئەنگىلىيە خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئۇلىنىشى ئۈچۈن ئاكادېمىكلارنى تەكشۈرىدۇ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق تورىنىڭ ئاكادېمىيىگە سىڭىپ كىرگەنلىكىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى بار بولۇپ، ئەنگىلىيە ئىستىخبارات ئورگىنى MI5 نىڭ مۇدىرى: «ئەنگىلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئاكادېمىكلار ۋە تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تەكشۈرۈلىدۇ» دېگەن. MI5 نىڭ باش دېرىكتورى كېن ماككاللۇم 24-ئاپرېل ئوكسفورد ۋە كامبرىج قاتارلىق 20 نەچچە داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. يىغىندىن كېيىن، ئەنگىلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئاكادېمىكلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ جاسۇسلۇق جىنايىتى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى باستۇرۇش پىلانى دائىرىسىدە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مۇلازىمىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. كامبودژا تور جىنايىتى سادىر قىلغان خىتاي تور ئالدامچىلىرىنى قوغلاپ چىقارغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چەتئەللەردە توردا ئالدامچىلىق قىلىش سەتچىلىكى داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقماقتا. يېقىنقى يىللاردا يۈزلىگەن خىتاي پۇقراسى تۈركىيەدە قولغا ئېلىنغان ئىدى. بۇ قېتىم كامبودژا تور جىنايىتى سادىر قىلغان 130 خىتاي تور ئالدامچىسىنى قايتۇرۇۋەتكەن. كامبودژا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى كۆچمەنلەر باش ئىدارىسى تور جىنايىتى، تور ئالدامچىلىقى ۋە قانۇنسىز قىمار قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتشىلىق 130 خىتاينى قايتۇرۇۋەتكەن. مەزكۇر ئىدارىنىڭ باياناتچىسى ۋە مۇئاۋىن باش دىرېكتور لېيتېنانت گېنېرال لېيتېنانت سوك سومنېيا باياناتىدا، 130 خىتاي پۇقراسىنىڭ 13-ئاپرېل تور جىنايىتى، تور ئالدامچىلىقى ۋە قانۇنسىز قىمارغا چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى خاماس بىلەن فاتاخ ۋەكىللىرى خىتايدا ئۇچراشقان خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، پەلەستىن گۇرۇپپىلىرى خاماس ۋە فاتاخنىڭ ۋەكىللىرى پەلەستىننىڭ يارىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەتلرىنىڭ بىر قسىمى سۈپىتىدە بېيجىڭدا ئۇچراشقان. پەلەستىن گۇرۇپپىلىرى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2-ئايدا روسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شەكىلدە مىللىي يارىشىش سۆھبىتى ئېلىپ بېرىپ، ئىچكى تالاش-تارتىش ۋە بۆلۈنۈشنى مۇزاكىرە قىلغان. قازاقىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئونمىڭلىغان كىشى ئۆيلىرىگە قايتىپ كەلدى قازاقىستان جىددىي ئىشلار مىنىستىرلىكى 29-ئاپرېل ئاپەت سەۋەبىدىن ئۆي ماكانىدىن ئايرىلغان 38 مىڭ 521 كىشىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر 6726 كىشى تارقاقلاشتۇرۇش مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، ھۆكۈمەت كەلكۈن رايونىدا 44 مىڭ بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 120مىڭ كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur