UYGUR TV

9/4/2024 خىتاي تۈرك دۆلەتلىرىگە بولغان ئىقتىسادىي كونتروللۇقىنى كۈچەيتىدۇ

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلىدى بۇنىڭدىن 34 يىل بۇرۇن، يەنى 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ قاتتىق باستۇرۇلغانىدى. بارىن ئىنقىلابى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر يىلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى خاتىرىلەپ، خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ۋە ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ يىلمۇ ۋاشىنگتوندىن ئىستانبۇلغىچە، سىتوكھولىمدىن ئالمۇتاغىچە بولغان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن بۇ كۈننى خاتىرىلىدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلار باياناتلىرىدا: «ئۇيغۇرلار بارىن ئىنقىلابىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خاتىرىلەۋاتقان مۇشۇ كۈندە دۇنيا جامائەتچىلىكى نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئەسلا سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقى لازىم» دەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرىق قىلدى. خىتاي تۈرك دۆلەتلىرىگە بولغان ئىقتىسادىي كونتروللۇقىنى كۈچەيتىدۇ خىتاي ئىقتىساد ئارقىلىق تۈرك دۆلەتلىرىنى كونترول قىلىش مېخانىزمى شەكىللەندۈرمەكتە. خىتاي تۈركىستان رايونىدىكى دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىپ، مەبلەغ سېلىش توزىقى قۇردى. قىرغىزىستان دۆلەتلىك ستاتىستىكا كومىتېتىنىڭ 9-ئاپرېلدىكى باياناتىغا قارىغاندا، خىتاي روسىيەنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، قىرغىزىستانغا بىۋاسىتە مەبلەغ سالغۇچى ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان. بايدېن خىتاينىڭ تەسىرىگە قارشى ياپونىيە ۋە فىلىپپىن رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە فىلىپپىن رەھبەرلىرى خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رايون تەسىرى ئالدىدا ھىندى-تېنچ ئوكياننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈدىكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن 10-ئاپرېل ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدا فۇمىئو بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش، 11-ئاپرېل فىلىپپىن پرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس ۋە كىشىدا بىلەن ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ. بايدىن ساھىبخانلىق قىلغان ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنى ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە فىلىپپىن رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان تۇنجى ئۈچ تەرەپ يىغىنى بولىدۇ. يېلېن خىتايغا قارىتىلغان جازا ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن تۆت كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا، روسىيەنى قوللاش داۋاملاشسا خىتايغا جازا يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. يېللېن ئامېرىكىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە ئۇسۇل بىلەن ئېنىق قائىدە-تۈزۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ سىزىقىنى ئېنىق بەلگىلەيدىغانلىقىنى، ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدە كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا يولۇقۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىتايدىنمۇ ئاشكارا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. روسىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كۆرۈشتى روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭدا كۆرۈشكەن. ئىگىلىنىشىچە، ۋاڭ سۆزىدە: «خىتاي بىلەن روسىيە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ بىر قانچە دۆلەتنىڭ مونوپول قىلىنىشىغا قارشى تۇرىدۇ» دېگەن. لاۋروف بولسا: «روسىيە بىلەن خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەسىرىگە قارشى ياۋروپا ۋە ئاسىيادا بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن. روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئۇيغۇر تېلېۋىزىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ كېلىش ئالدىدا تۇرغان روزا ھېيتىنى تەبرىكلەيمىز. بەختكە قارشى، شەرقىي تۈركىستاندىن غەززەگىچە نۇرغۇن كىشىلەر زۇلۇم، رەھىمسىزلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىچىدە بۇ ھېيتنى كۈتۈۋالىدۇ. بىز بۇ زۇلۇملارغا خاتىمە بېرىلىشىنى، روزا ھېيتنىڭ مەزلۇم ئۇيغۇرلار باشچىلىقىدا پۈتۈن دۇنياغا ئۈمىد بولۇشىنى تىلەيمىز! #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur