UYGUR TV

23/4/2024 يەمەنلىك ئالىم ئابدۇلمەجىد زىدانى ئالەمدىن ئۆتتى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قېچىش ھېكايىسى تېما قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى «ئامېرىكا ئاۋازى» تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ۋە ئۇيغۇر مائارىپچى ۋە كارخانىچى قاسىم قەشقەرنىڭ خىتايدىن قېچىپ چىقىپ ئامېرىكىدا پاناھلىنىش ھېكايىسىنى بايان قىلغان ھۆججەتلىك فىلىم 2024-يىللىق نيۇ-يورك فىلىم فېستىۋالىنىڭ كىشلىك ھوقۇق كاتېگورىيىسىدە مۇكاپاتقا تاللانغان. قەشقەردە توغۇلغان قاسىمجان ئابدۇرېھىم ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئاتلان تىل مائارىپ مەركىزى نامىدىكى تىل مەكتىپى قۇرغان. ئۇ چەتئەلگە چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغۇچە بولغان ئەننەچچە يىلدا مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى تەربىيلىگەن. ئۇ 2017-يىلى ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە ئامېرىكىدا پاناھلىق تىلىگەن. كېيىنچە، ئامېرىكا ئاۋازىدا مەخبۇر بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان. گېرمانىيەدە خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان تۆت جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى گېرمانىيە ساقچىلىرى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش گۇمانى بىلەن ئوڭچىل گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش پارتىيىسىنىڭ رەھبىرىنىڭ مەسلىھەتچىسىنى قولغا ئالدى. تەكشۈرگۈچىلەر جيەن گ دەپ ئاتالغان بۇ شەخسنىڭ پارلامېنت پائالىيىتى، بولۇپمۇ خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىغا يەتكۈزدى دەپ گۇمان قىلغان. ئالدىنقى كۈنى گېرمانىيە دائىرىلىرى ئۈچ خىتاي جاسۇسىنى قولغا ئالغان ئىدى. گېرمانىيە فېدېراتىپ تەپتىش مەھكىمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، 22-ئاپرېل خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بىلەن ھەمكارلىشىپ جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن گۇمان قىلىنغان ئۈچ گېرمانىيە پۇقراسىنىڭ گېرمانىيەنىڭ غەربىدە قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. گېرمانىيە تەپتىش مەھكىمىسى جاسۇسلۇق دېلوسى ئىشخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۈچ گۇماندارنىڭ 2022-يىلى 6-ئايدىن بۇرۇن خىتاينىڭ ئالاھىدە ئورگىنىغا ئىشلەشكە باشلىغانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك گۇمان بار بولۇپ، خىتايغا ئىشلىگەن ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق ئىكەن. خىتاي باش ئەلچىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان 20-ئاپرېل كۈنى خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيې فېڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان تەيۋەنلىك ۋە تىبەت ئوقۇغۇچىلار يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە خوڭكوڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. «خارۋارد كىرىمسون» گېزىتىنىڭ مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنىدىكى بۇ كۈتۈلمىگەن ۋەقە خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئوسال ئەھۋالدا قويغان، شۇنداقلا يىغىن زالىدىكى ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدا غۇلغۇلا كۆتۈرۈلگەن. ئەنگىلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جاسۇسلۇق كرىزىسى ئەنگىلىيەدىكى ئىككى كىشى «دۈشمەنگە پايدىلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلەش» ۋە خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. لوندون شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، رەسمىي مەخپىيەتلىك قانۇنىغا ئاساسەن، 32 ياشلىق كرىستوفىر بېررى ۋە 29 ياشلىق كرىستوفىر كاش خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۇ كىشىلەر چەتئەلنى «ماقالە، خاتىرە، ھۆججەت ياكى ئۇچۇر» بىلەن تەمىنلىگەن دەپ ئەيىبلەنگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە «ئىنتايىن ئېغىر ئەيىبلەشلەرگە قارىتا ئىنتايىن مۇرەككەپ تەكشۈرۈش» دەپ تەسۋىرلەنگەن. خىتاي يۈك پاراخوتى كۆۋرۈككە سوقۇلۇپ چۆكۈپ كەتكەن خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە بىر يۈك پاراخوتى كۆۋرۈككە سوقۇلۇپ كېتىپ 4 ئادەم غايىب بولغان. يوقاپ كەتكەن خادىملارنى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، 4900 توننا پولات توشۇيدىغان پاراخوت فۇجيەن ئۆلكىسىدىن يولغا چىققان ۋە شۇ يەر ۋاقتى 21.20 ئەتراپىدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرىدىكى جيۇجياڭ كۆۋرۈكىگە سوقۇلغان. يەرلىك دائىرىلەر ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، پاراخوتتا 11 نەپەر خادىم بار بولۇپ، سوقۇلۇش ۋەقەسىدىن كېيىن پاراخۇت سۇ ئېلىشقا باشلىغان ۋە 23.40 ئەتراپىدا چۆكۈپ كەتكەن. يەمەنلىك ئالىم ئابدۇلمەجىد زىدانى ئالەمدىن ئۆتتى يەمەنلىك ئالىم پروفېسسور، دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى شەيخ ئابدۇلمەجىد زىدانى ئالەمدىن ئۆتتى. شەيخ زىندانى 2014-يىلى يەمەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كۆچۈپ كەلگەن. سەئۇدى ئەرەبىستان ھاكىمىيىتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھەرىكىتىنى تېرورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئۇ نەزەربەند قىلىنغان. كېيىن زىدانى تۈركىيەگە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، بىر مەزگىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشىغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur