UYGUR TV

5/5/2024 سادىق خان ئۈچىنچى قېتىم لوندوننىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا سايلاندى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشىغا خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا قاراپ چىقىش» تېمىسىدا يىغىن ئېچىلدى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە 4- ماي كۈنى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشىغا خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا قاراپ چىقىش» تېمىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ دوكلات ھەمدە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئالدى بىلەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى يىغىن ئەھلىگە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى 1949- يىلى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن؛ شۇڭا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى پەقەتلا بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىلا بولماستىن، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىر بىر مىللىي مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئادوۋكاتى مايكىل ۋان ۋالت سۆزىدە تارىختىكى «خىتاي» ئۇقۇمى ۋە «خىتاي»دىن ئىبارەت بۇ سۆزگە مىللەت، تېرىتورىيە ۋە ھۆكۈمەت نۇقتىسىدىن ئىزاھات بىرىپ، ئۇنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقتىكى بەزى خۇلاسە خاراكتېرلىك بايانلارنى ئوقۇپ ئۆتتى. شۇ قاتاردا ئۆزلىرى يەكۈنلەپ چىققان «شەرقىي تۈركىستان زېمىنى قەدىمدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر قىسمى ياكى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر قىسمى، دەيدىغان پىكىر پۈتۈنلەي خاتا» دېگەن نۇقتىنى شەرھىلەپ چىقىتى. فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار جۇڭگو رەھبىرىنىڭ فرانسىيە زىيارىتىگە ئىنكاس قايتۇردى جۈمە كۈنى، فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار شى جىنپىڭنىڭ كېلەر ھەپتە پرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكروننى زىيارەت قىلىشىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا «شاپىلاق» دەپ ئاتىدى. ئىگىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ دۈشەنبە، سەيشەنبە كۈنلىرى فرانسىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە فرانسىيە پۇقراسى دىلنۇر خانىم ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ خىتاي رەھبىرىنىڭ زىيارىتىدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ شى جىنپىڭنى «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جاللىتى» دەپ تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن: «بۇ پرېزىدېنت ماكروننىڭ بىزگە بىر شاپىلاق سالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بولۇپمۇ فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن». كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 3-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ماكرون ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۈنتەرتىپكە قويۇشنىڭ پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ماكروننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئېغىر دەپسەندىچىلىكنىڭ بەدىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. خىتاي فىلىپپىن بىلەن مەخپىي كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى دەۋا قىلدى خىتاي دائىرىلىرى فىلىپپىننىڭ سابىق پرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتېنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشىغا ئۇچرىغان رايونلار ھەققىدە ھاسىل قىلغان مەخپىي كېلىشىم بارلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ مانىلادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، فىلىپپىننىڭ سابىق پرېزىدېنتى دۇتېرتېنىڭ 2016-يىلى بېيجىڭ زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ تالاش-تارتىشتىكى ئاراللارنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا «ۋاقىتلىق ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش» توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. قىرغىزىستان پۇقرالىرىغا رۇسىيەگە ساياھەتكە بارماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى قىرغىزىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى پۇقرالارنى روسىيە چېگراسىدىكى قاتتىق تەكشۈرۈش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاگاھلاندۇرۇش كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ رۇسىيەدىكى بىر كونسېرت زالىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى پۇقرالارغا قارىتىلغان چەتئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ كۈچەيگەنلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. سادىق خان ئۈچىنچى قېتىم لوندوننىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا سايلاندى ئىككى قېتىم لوندوننىڭ شەھەر باشلىقى بولغان ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ مۇسۇلمان كاندىداتى سادىق خان ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلامدا ئۈچىنچى قېتىم سايلاندى. تەخمىنەن% 44 بېلەتكە ئېرىشكەن شەھەر باشلىقى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى سۇسان خالدىن 11 نومۇر يۇقىرى ئاۋاز ئالدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur