UYGUR TV

4/5/2024 د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى باشلاندى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى باشلاندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى 3-ماي كۈنى كەچقۇرۇن ميۇنخېن شەھىرىدە باشلاندى. بۇ مۇراسىمغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى قىتئەلىرىگە جايلاشقان 24 دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلار ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، يىغىن ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە باشلاندى. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە ۋە شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە قارشى زور كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نامايىشقا ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار قاتناشتى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نامايىشتا قىلغان سۆزىدە، بۇ نامايىشنىڭ مەقسىتىنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بېيجىڭغا يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. خىتاي ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنى جازالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى اتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى» خىتاي كومپارتىيە مەركىزىنىڭ ئاتالمىش «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ» ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، خىتايغا جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر قورچاق ئەمەلدارمۇ بار ئىكەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ 28-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۇەنۋۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى» خىتاي كومپارتىيە مەركىزىنىڭ ئاتالمىش «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى»غا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلە ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. بۇنىڭ ئىچىدە قورچاق ئەمەلدارلاردىن قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئىدارە باشلىقى ئادىل يۇنۇس، خوتەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس تۇردىمەمەت غوپۇرمۇ بار ئىكەن. كونگو جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاھالىلەر خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى كونگو جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاھالىلەر خىتاي مەبلەغ سالغان كاننىڭ رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە نورمال تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى. ئەنگلىيە BBC نىڭ 30-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، كونگودىكى خىتاي ئىگىدارچىلىقىغا چۈشۈپ قالغان كوبالت كانى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكەن. كوبالت رۇدىسى بولسا يېشىل ئىقتىسادنىڭ مۇھىم خام ئەشيالىرىنىڭ بىرى ئىكەن. BBC مۇخبىرلىرى خىتاي مەبلەغ سالغان كوبالت كانى ئەتراپىدىكى يەرلىك كىشىلەرنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئاھالىلەر خىتاينىڭ رايوندا كان ئېچىش ئارقىلىق خەلقىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىدىن قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ياپونىيە ۋە فىلىپپىن خىتايغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ ياپونىيە ۋە فىلىپپىننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۆز-ئارا زىيارەت كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېزلىتىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ خىتايغا قارشى بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گىلبېرتو تېئودورو ۋە ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىخارا مىنورۇ ئامېرىكىنىڭ ھاۋايدا كۆرۈشكەن. مىنىستىرلار ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، «قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» تەسەۋۋۇرى بەرپا قىلىشقا قوشۇلغان. ئامېرىكىنىڭ مەخپىي دېڭىز ئاستى تۈرى ئاشكارىلاندى ئامېرىكا مانتا راي ناملىق سۇ ئاستى پاراخۇتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تۇنجى قېتىم تولۇق سىناق قىلىشنى تاماملىدى. ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرى غايەت زور ئاپتوماتىك ماشىنىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تۈزۈپ، سۇ ئاستىدا «ھۆكۈمرانلىق قىلىش» مۇسابىقىسى ھەققىدە يازدى. دۆلەت مۇداپىئە تەھلىلچىلىرى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى روسىيە ۋە خىتاينىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى سېزىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋەزىپە ئىجرا قىلالايدىغان ئادەمسىز پاراخۇت تەرەققىي قىلدۇرماقچى. كانادا سىخ رەھبىرى نىججارنى ئۆلتۈرۈش گۇمانى بىلەن ئۈچ كىشىنى قولغا ئالغان كانادا بۆلگۈنچى سىخ تەشكىلاتى خالىستان ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ رەھبىرى ھاردىپ سىنگى نىججارنى ئۆلتۈردى دەپ قارالغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 3 ئەزاسىنى قولغا ئالدى. نىجار 18-ئىيۇن كانادادا ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو «نىججارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بار» دەپ ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى جىددىيلەشتى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur