UYGUR TV

27/3/2024 ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى نورۇز بايرىمىدا مىللىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى باشقا قوشنا مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يىل نورۇز بايرىمىنى يۇقىرى كەيپىياتتا قارشى ئالدى. شەرقىي تۈركىستاندىن كېيىن قالسا، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت قازاقىستاندۇر. بۇ دۆلەتنىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتى، يەتتەسۇ ۋىلايىتى، شۇنىڭدەك جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدە زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئاھالىسى باشقىمۇ مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۈچ كۈن مابەينىدە، يەنى بولۇپمۇ 21-23-مارت كۈنلىرى ئارىلىقىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. بۇ يىل نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاندا ئون كۈنلەر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، 14-مارتتىن 23-مارتقىچە سوزۇلۇپ، ھەر بىر كۈن بىر نام بىلەن ئاتالدى. ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى نۇرجامال ھەسەنوۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، نورۇز بايرىمى بۈگۈنكى كۈندە كېلەچەك ئەۋلادلارغا ئۈلگە بولالايدىغان، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك سېزىمىنى ئويغىتىدىغان، مىللىي مەدەنىيىتىگە ھۆرمىتىنى، مۇھەببىتىنى كۈچەيتىدىغان خاسىيەتلىك بايراملارنىڭ بىرىكەن. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزدى 23-مارت ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئوسمانلى مەرىكە زالىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئىپتار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر خەلقىدىن سىرت، سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بۆلۈمى مۇدىرى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ كۈچۈكچەكمەجە ۋە زەيتىنبۇرنۇدىكى مەسئۇللىرى، ئىيى پارتىيەسى ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى نامزاتى بۇغرا كاۋۇنجۇ، شۇنداقلا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، سائادەت پارتىيەسى، يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى، ئۆلكە ئوجاقلىرى مەركىزىي رەھبەرلىكى، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى. پاكىستاندىكى ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا بەش خىتاي ئىنژىنېر ئۆلگەن پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر سۇ ئېلېكتىر توسمىسىدا ئىشلەۋاتقان خىتايلارنى توشۇۋاتقان بىر ئاپتوموبىل ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، بەش خىتاي پۇقراسى ۋە بىر پاكىستانلىق شوپۇر ئۆلگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ۋەقە 26-مارت سەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي ئىشچىلارنى توشۇۋاتقان ئاپتوموبىل ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن جىلغىغا چۈشۈپ كەتكەن. ۋەقەدە كەم دېگەندە بەش خىتاي ئىنژىنېر ۋە بىر پاكىستانلىق شوپۇر ئۆلگەن. ئەينى ۋاقتتا بۇ ئاپتوموبىل پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتىن 270 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى داسۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا كېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ مۇھىم قۇرۇلۇش بىر خىتاي شىركىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن. بۇ مەزكۇر قۇرۇلۇشتا ئىشلەۋاتقان خىتايلارنىڭ تۇنجى قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ئەمەس. 2021-يىلىمۇ خىتاي ئىشچىلىرىنى توشۇۋاتقان بىر ئاپتوموبىل ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، توققۇز خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 كىشى ئۆلگەن. ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دۈشمەنلەرچە تور ھۇجۇمى» نى ئەيىبلىدى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىئونلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مۇخبىرلارغا قاراتقان «دۈشمەنلەرچە تور ھۇجۇمى» نى ئەيىبلىدى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىمبارگو يۈرگۈزۈدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى، سىياسىيونلىرىنى ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنى نىشان قىلغان تور ھۇجۇملىرىنىڭ كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بولغان ۋە 14 يىلدىن بېرى مۇشۇنداق ھۇجۇملارنى قوزغاپ كەلگەن «APT31» ناملىق خاككېرلىق گۇرۇپپىسى ۋە ئۇنىڭ 7 نەپەر ئەزاسىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان. خىتاي بولسا ئامېرىكا ۋە ئەنگىليەنى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى سىياسىيلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى. خىتاي ئامېرىكىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا شىكايەت قىلدى خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنۇپ، ئامېرىكا 2022-يىلى ماقۇللىغان پۇل پاخاللىقىنى ئازايتىش قانۇنىدىكى كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلاغا بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنىڭ رىقابەت قائىدىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي سودا مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان باياناتتا، دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە تولۇقلىما بىلەن قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ بازاردىن چىقىرىلىشىنىڭ ئادالەتسىز رىقابەت پەيدا قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur