UYGUR TV

24/3/2024 خىتايدا بىۋاسىتە چەتئەل مەبلىغى ئازايدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتاي ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش» نامىدا ئاققۇنلارنى كۆپلەپ يەرلەشتۈرمەكتە خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش سالمىقىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە. تەڭرىتاغ تورىنىڭ 20-مارتتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەخسۇس خىزمەت ئۆمىكى تەشكىللىنىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلگەن. مەزكۇر ئۆمەكلەر ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى خىتايلارنى «ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە تەشۋىق قىلغان. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى 77 ئىش ئورنى ئاجرىتىپ، خىتاي ئالىي مەكتەپلىرىدىن ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلار»نى ئاقسۇغا كۆچۈرۈپ كەلگەن. ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇلتۇر 1000 ماگىستىر، دوكتور كىرگۈزۈش پىلانى بويىچە، ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خىتايلاردىن 204 نى ئاقسۇغا كۆچۈرۈپ كەلگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە چاقىرىق كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 20-مارت بايانات ئىلان قىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىپ، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ھاكىمىيەت بېشى ۋە ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەرگە مەنسۇپ بولغان بىر گۇرۇپپا ئەزاسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاليۇمىن سانائىتىدە مەۋجۇت ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2023-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاليۇمىن سانائىتىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقى، تويوتانى ئۆز ئىچىگە ئالغان داڭلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ داۋاملىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئارىلاشقان ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتايدا بىۋاسىتە چەتئەل مەبلىغى ئازايدى ئۆتكەن يىلى خىتايدا چەتئەلدىن سېلىنغان بىۋاسىتە مەبلەغدە خاتىرىلەنگەن تۆۋەنلەش بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدىمۇ داۋاملاشتى. خىتاي سودا مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، چەتئەلنىڭ بىۋاسىتە مەبلىغى 2024-يىلى 1-ئايدىن 2-ئايغىچە 215 مىليارد 90 مىليون يۈەن بولغان. ئىشلىتىلگەن چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئەمەلىي مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا% 19.9 تۆۋەنلىگەن. خىتايدا بىۋاسىتە چەتئەل مەبلىغى 2023-يىلى% 8 تۆۋەنلگەن بولۇپ، 1998-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. تۈركىيە ۋە خىتاي مۇئاۋىن مىنىستىرلىرى ئوتتۇرىسىدا سىياسى كېڭەش ئۆتكۈزۈلدى ئىگىلىنىشچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، باش ئەلچى بۇراك ئاكچاپار بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى باش ئەلچى دېڭ لى بىلەن تۈركىيە-خىتاي سىياسى مەسلىھەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. تۈركىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كېڭەش جەريانىدا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇرۇلغان. ئىسرائىلىيە شىفا دوختۇرخانىسىدىكى پەلەستىنلىكلەرنى يېرىم يالىڭاچ كۆچۈشكە مەجبۇرلىدى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى شىفا دوختۇرخانىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم پەلەستىنلىكلەرنى يېرىم يالىڭاچ ھالدا جەنۇبقا كۆچۈشكە مەجبۇرلىغانلىقى ئاشكارىلاندى. بىر پەلەستىنلىكنىڭ ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن تارتقان كۆرۈنۈشلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالدى. كۆرۈنۈشلەردە، بىر توپ پەلەستىنلىك جەنۇبقا قاراپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئۈستى يالىڭاچ ئاستىغا بولسا پەقەت ئىچ كىيىملىرىنىلا كىيگەن. ئىگىلىنىشچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەززە رايونىدىكى شىفا دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ھازىرغىچە 170 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان. زېلېنسكىي: پۇتىن موسكۋادىكى تېرورلۇق ھۇجۇمىنى ئۇكرائىنا بىلەن باغلىماقچى بولۇۋاتىدۇ ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ موسكۋادىكى تېرورلۇق ھۇجۇمىنى ئۇكرائىنا بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېيتتى. زېلېنسكىي روسىيە ئارمىيىسىنى ئۇكرائىنا ۋە بۇ دۆلەتتە ياشايدىغان كىشىلەرگە قارشى «تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى» ئېلىپ باردى دەپ ئەيىبلىدى. روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ھۇجۇمنى قىلغان 4 تېرورچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur