UYGUR TV

23/3/2024 قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار نوۋرۇز پائالىيىتىنى تەشكىللىدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار نوۋرۇز پائالىيىتىنى تەشكىللىدى قىرغىزىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتى 2024-يىلى 21-مارت ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ۋە ياشلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ نەۋرۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە بىر يەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلار بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئىچىدە جەمئىيەتنىڭ پەخرىي رەئىسى ئەلىشېر ۋە جەمئىيەتنىڭ رەئىسى شۈكران مۇھەممەدوفمۇ بار ئىدى. «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنشىنى كۈتۈش»نى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ خىتاينىڭ تۇتقۇنى داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا قولغا ئېلىنىش قورقۇنچى ئىچىدىكى ھاياتنى تەسۋىرلىگەن «كېچىدە قولغا ئېلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق كىتابىنى ھەر قايىسى دۆلەتلەردە تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا. 2017-يىلى 4-ئايغىچە يامان كۆزدىن يىراق تۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئۈچۈن كېچىدە ئويغىنىپ كېتىشنىڭ تېخىمۇ قەبىھ مەنىسى بار. ئۇنىڭ دوستلىرى ۋە قولۇم-قوشنىلىرى، كۆپىنچىسى ئۆزىگە ئوخشاش يازغۇچى ۋە شائىرلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كېچىدە تويۇقسىز غايىب بولۇشى ئۇنى ئۆزىنىڭ تەقدىرىگە ئامالسىز ۋە ئېنىقسىز ھېس قىلدۇرغان. ئىزگىلنىڭ 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدا نەشىر قىلىنغان «كېچىدە قولغا ئېلىنىشىنى كۈتۈش» ناملىق ئەسلىمىسى ئوقۇرمەنلەرنى 2021-يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» دەپ تەسۋىرلەنگەن 21-ئەسىردىكى كۆزىتىش دۆلىتى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەھىمىيلىك دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ. ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى: دۇنيادا بىز ئۈچۈن خىتايدىنمۇ ھالقىلىق تەمىنلەش زەنجىرى يوق ئامېرىكا تېخنىكا ماگناتى ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك تەمىنلەش زەنجىرىدە خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ: «دۇنيادا بىز ئۈچۈن خىتايدىنمۇ ھالقىلىق تەمىنلەش زەنجىرى يوق» دېدى. ئالما شىركىتىنىڭ شاڭخەي شەھىرىدىكى يېڭى پارچە سېتىش دۇكىنىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتاينى زىيارەت قىلغان كۇك بۇ شىركەتنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھۆددىگە ئالغۇچى شېرىكلىرىنىڭ بىرى، مېتال سىر بىلەن تەمىنلىگۈچى BYD، سېزىمچان ئېكران ئىشلەپچىقارغۇچى لىنزا تېخنىكىسى ۋە ئېلېكترونلۇق زاپچاس ئىشلەپچىقارغۇچى ئېۋىرۋىن قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن. كولۇمبىيە پرېزىدېنتى پېترودىن ئامېرىكا، روسىيە ۋە خىتايغا پەلەستىن ھەققىدە چاقىرىق كولۇمبىيە پرېزىدېنتى گۇستاۋ پېترو ئامېرىكا، روسىيە ۋە خىتاينى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى. ئامېرىكىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى پەقەت تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن باغلاپ، دىپلوماتىيىنى قوللاشقا چاقىرغان قارار لايىھىسى روسىيە ۋە خىتاي تەرىپىدىن رەت قىلىندى. ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكا 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئۈچ قارارنى رەت قىلغان ئىدى. تېسلا خىتايدىكى ماشىنا ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىۋاتىدۇ ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا توكلۇق ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى تېسلا ئېلېكترونلۇق ماشىنا سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى سەۋەبىدىن خىتايدىكى ماشىنا ئىشلەپچىقىرىشىنى ئازايتىدىكەن. بىلۇمبېرگنىڭ بۇ مەسىلىگە پىششىق مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، تېسلا ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە بازاردىكى كۈچلۈك رىقابەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان مۇھىتتا، خىتايدىكى زاۋۇتىدىكى ماشىنا ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىشنى قارار قىلغان. موسكۋادىكى بىر كونسېرت زالى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى روسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى بىر كونسېرت زالى 22-مارت كەچتە ھەربىيچە كىيىنگەن قوراللىق كىشلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 60 ئادەم ئۆلۈپ، يۈزدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، 23-مارت سەھەرگىچە ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 60 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 145 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ موسكوۋادىكى باش ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۇقرالىرىنى ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەلچىخانىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش باياناتىدا، ئۇلارنىڭ پۇقرالىرىدىن رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەر قانداق پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. دائىش تېلېگرامما قانىلىدا بۇ ۋەقەنى ئۈستىگە ئالغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur