UYGUR TV

14/4/2024 خىتاي سۈنئىي ئىدراك بىلەن سايلامغا ئارىلىشىۋاتىدۇ

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى ئۇيغۇر كارخانىچى ئەكبەر ئەسەتنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرى 10-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر كارخانىچى ئەكبەر ئەسەت ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى دىڭ جياشىنىڭ تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ ئۇلارنى ناھەق قولغا ئالغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاي رېجىمىنى ئۇلارنى تېزدىن قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم رىچ ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى كىرىس كونس قاتارلىق ئىككى كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئەكبەر ئەسەتنىڭ ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلغىنىغا سەككىز يىل بولغان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن ئېغىر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.ئۇلار باياناتىدا: «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمالمايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز ھەمدە ئەكبەر ئەسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناھەق قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلگەن. ئۇيغۇر ھەرىكىتى ئامېرىكا پارلامېنتى ئۇيغۇردوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئېچىشنى پىلانلىغان. ئۇيغۇر ھەرىكىتى پارلامېنت ئەزاسى جېننىفېر ۋېكتون سالغان ئاساستا پارلامېنت ئەزالىرى كىرىس سىمىس ۋە توماس سۇزىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پارلامېنتتا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارلامېنت بىناسىدىكى HC-5 ھۇجرىسىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە پائالىيەتكە تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن. گېرمانىيە باش مىنىستىرىدىن خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئېلىش تەلەپ قىلىندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار، خىتايدا 4 كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولېف شولىزغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى توختىتىشى ئۈچۈن كۈچىشىنى تەلەپ قىلغان. مەكتۇپتا يەنە «ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەھشىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى»ە خاتىمە بېرىلىشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى، تىلى ۋە ئەنئەنىلىرىگە چوقۇم ھۆرمەت قىلىنىشى، (ئۇيغۇرلارنىڭ) بىر خەلق سۈپىتىدە ھەق-ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلاردىن سىرت يەنە گېرمان، تىبەت ۋە خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ يوللىغان مەزكۇر مەكتۇپتا، ئولېف شولىزنىڭ ئۇيغۇر رايونى، تىبەت، خوڭكوڭ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىدىكى قەبىھلىكلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تەلەپ قىلىنغان. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇلجېلىل قاراقاش بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولزنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى، بىز گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپانىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا ئېنىق ۋە قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيمىز. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمى خەلقئارا جەمئىيەت يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. بىز شولزنىڭ زىيارىتى جەريانىدا، گېرمانىيە ۋە ياۋروپانىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك دەپ قارايمىز. ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوللاش ۋە خىتاينىڭ سىياسىتىنى خەلقئارادا ئەيىبلەش تولىمۇ مۇھىم. شولزنىڭ بۇ زىيارىتى گېرمانىيە ۋە ياۋروپانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك قىممەت قارىشىدىكى مەيدانىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم پۇرسەت. خىتاينىڭ بۇ سىياسەتلىرىگە قارشى ئېنىق پوزىتسىيە تۇتۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم. خىتاي سۈنئىي ئىدراك بىلەن سايلامغا ئارىلىشىۋاتىدۇ مىكروسوفت خىتاي ھۆكۈمىتى ھەققىدە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر بايانات ئىلان قىلدى. مىكروسوفتنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتاي سۈنئىي ئىدراك ئىشلىتىپ باشقا دۆلەتلەردىكى سايلامغا ئارىلىشىدىكەن. مىكروسوفتنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، خىتاي 2024-يىلى سۈنئىي ئىدراك بىلەن كورېيە، ئامېرىكا ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامغا ئارىلىشىشى مۇمكىن. مىكروسوفت خىتايدا تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا بۇنى سىناق قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. خىتاينىڭ سۈنئىي ئىدراكتىن پايدىلىنىپ سايلامغا قانداق ئارىلىشىدىغانلىقى بىر سوئال ئىشارىتى پەيدا قىلماقتا. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur