UYGUR TV

ئامېرىكا پارلامېنتىدا نېتانياخۇغا قارشى نامايىشچىلار قولغا ئېلىنغان 25/7/2024

جەۋھەر ئىلھام تۈرمىسىدىكى دادىسى ھەققىدە چاقىرىق قىلدى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ھۆكۈمەت قوللىغان زۇلۇمنى ئوچۇق تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتسىز تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىسى ۋە پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە دادىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بېيجىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پروفېسسورى ئىلھام توختى 2014-يىلى 1-ئايدا غايىب بولغان ھەمدە شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى بىر قېتىملىق سوتتا ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن. جەۋھەر ئىلھام 7-ئاينىڭ 23-كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە بايانات ئىلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە دادىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي بېسىم ناملىق دوكلاتنى تونۇشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى» ناملىق تەشكىلات تەرىپىدىن تەييارلانغان «شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان دىنىي بېسىم، ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى» ناملىق تۈركچە دوكلاتنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە ياشلار ۋەخپىنىڭ باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇشلىرى، ئىسلامغا بولغان ۋەھىمىسى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ھەققىدە لېكسىيەلەر سۆزلەندى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسىسلەر، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى، ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش قاتارلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى تارىخىي ۋە نۆۋەتتىكى رېئال ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلدى. مىسىر ھاۋا ئارمىيىسى خىتاينىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سېتىۋالماقچى مىسىر ھۆكۈمىتى ھاۋا ئارمىيىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن يېڭى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن. رەسمىي مەنبەلەردە مىسىر ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ J-10C ۋە J-31 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقى ئېلان قىلىندى. ئەرزان باھالىق J-10C دىن باشقا، مىسىر يەنە ئىسرائىلىيە بۇ رايوندا ئاكتىپ ئىشلىتىدىغان F-35 تىپلىق ئايروپىلانلارغا قارشى J-31 ئۇرۇش ئايروپىلانىغا يېقىندىن قىزىقىدۇ. مىسىر ئارمىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ قويۇق ھەربىي مۇناسىۋىتىگە قارىتا خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي سودىسىنى كۆپەيتكەن. ياپونىيە، روسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك شىركەت باشقۇرغۇچىلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىدى ياپونىيە كابىنېتىنىڭ باش كاتىپى ھاياشى يوشىماسا 24-ئىيۇل روسىيەنىڭ 13 ياپونىيە پۇقراسىغا يۈرگۈزگەن ئىمبارگوسى توغرىسىدا توختىلىپ، روسىيەگە رەسمىي ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. موسكۋا ھۆكۈمىتىنىڭ جازاسىنىڭ «ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ روسىيەدىكى قانۇنلۇق پائالىيىتىنى چەكلەيدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويغان ھاياشى، بۇنى «قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى. روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ 23-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، ياپونىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» دائىرىسىدە روسىيەگە قاراتقان جازاسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى. بۇ جازالارغا قارىتا، تويوتا موتورنىڭ رەئىسى ئاكىيو تويودا، ياپونىيە خەلقئارا ھەمكارلىق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئاكىخىكو تاناكا ۋە راكۇتېن شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى خىروشى مىكىتانى قاتارلىق 13 ياپونىيە پۇقراسىنىڭ روسىيەگە كىرىشىنىڭ مۇددەتسىز چەكلەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئامېرىكا پارلامېنتىدا نېتانياخۇغا قارشى نامايىشچىلار قولغا ئېلىنغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياخۇ ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا پارلامېنتىدا سۆز قىلىشتىن ئىلگىرى، قۇرۇلتاي بىناسىدا ئولتۇرۇش نامايىشى قاتارلىق بىر قاتار نامايىشلارنى ئېلىپ بارغان نۇرغۇن كىشى قولغا ئېلىنغان. پەلەستىننى قوللايدىغان نامايىشچىلار پارلامېنت بىناسىدىكى كانون ئىشخانىسىنىڭ ئىچىگە يىغىلىپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانىياخۇ ۋە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىغا ئېتىراز بىلدۈردى. ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى گۇاڭجۇدا ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ بۇ ھەقتە، خىتاينىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رول ئويناشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. كۇلېبا بولسا: «ئەگەر موسكۋا سەمىمىي سۆھبەتلىشىشكە تەييارلانسا، كىيېۋ روسىيە بىلەن مەلۇم باسقۇچتا سۆھبەتلىشىشكە تەييار» دېگەن. گايېمى ناملىق بوران تەيۋەندە ھاياتنى توختاتتى تەيۋەندە قۇرۇقلۇققا چىقىشى مۆلچەرلەنگەن گايېمى ناملىق تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. قوشنا دۆلەت فىلىپپىننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ناچار ھاۋارايى شارائىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 12 ئادەم قازا قىلدى. تەيۋەندە دائىرىلەر 24-ئىيۇلنى بوران كۈنى دەپ ئېلان قىلدى ھەمدە تەيۋەننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا خىزمەت ئورنى ۋە مەكتەپلەرنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، 29 مىڭ ئەسكەرنىڭ تەيۋەندىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تەييارلىق قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. مۆلچەرلىنىشىچە، تەيفېڭ بورىنىنىڭ شامال كۈچى سائىتىگە 240 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk