UYGUR TV

پەلەستىندىكى ھەر قايسى پارتىيە-گوروھلار بېيجىڭدا كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى 24/7/2024

پەلەستىندىكى ھەر قايسى پارتىيە-گوروھلار بېيجىڭدا كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى مۇسا ئەبۇ مارزۇك، فاتاخ ۋەكىلى مەھمۇد ئەل ئالۇل ۋە باشقا 12 پەلەستىن تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۇرۇشتىن كېيىنكى غەززە رايونىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن «ۋاقىتلىق مىللىي يارىشىش ھۆكۈمىتى» قۇرۇشقا قوشۇلغان. بۇ كېلىشىم 14 تەشكىلاتنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ كۈنلۈك سۆھبىتىدىن كېيىن 23-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى ئىمزالانغان. سۆھبەتتىن كېيىن، ئاتالمىش «بېيجىڭ خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ھەر قايسى گورۇھلار «بۆلۈنۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە پەلەستىن مىللىي ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار بېيجىڭ خىتابنامىسى» گە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ۋاڭ يى مۇنداق دېگەن: «پۈتكۈل يىغىننىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى غەززەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا ۋاقىتلىق مىللىي يارىشىش ھۆكۈمىتى قۇرۇش كېلىشىمى. يارىشىش پەلەستىن گۇرۇھلىرىنىڭ ئىچكى مەسىلىسى، ئەممە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ». يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، دىپلوماتىيە جەھەتتە ياراشتۇرغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى دېكابىردا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بېيجىڭدا كۆرۈشكەن ئىدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى داۋاملاشماقتا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2024-يىلى 6-ئايدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخى ۋە دىنىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇھىم بولغان 630 كەنتنىڭ ئىسمىنى سىستېمىلىق ئۆزگەرتكەن. گەرچە يېزا نامىنى ئۆزگەرتىش 2009-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ۋە بۈگۈنگە قەدەر تەخمىنەن 3600 كەنتكە تەسىر قىلغان جەريان بولسىمۇ، ئەمما ئىنچىكە تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۆزگەرتىلگەن ئىسىملارنىڭ بەشتىن بىرىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. روسىيە خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىمپورتىنىڭ 20 پىرسەنتىنى تەمىنلەيدۇ روسىيە ۋە خىتاي سودا دۇنياسىدىكى نۇرغۇن ئىسىملار موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بىرپائالىيەتتە ئۇچراشتى. پائالىيەتكە قاتناشقان روسىيە نېفىت شىركىتى Rosneft نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئىگور سېچىن ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىمپورتىنىڭ تەخمىنەن% 20 ىنى قاندۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 6 ئېيىدا، روسىيەنىڭ خىتايغا ئېنېرگىيە ئېكسپورتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا% 4 ئاشقان بولۇپ، تەخمىنەن 46 مىليارد دوللارغا يەتتى». سېچىن يەنە مۇنداق دېدى: روسىيە يېقىنقى ئىككى يېرىم يىلدا خىتايغا نېفىت توشۇشنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئېشىپ بۇ دۆلەتكە ئەڭ كۆپ نېفىت يەتكۈزۈدىغان دۆلەتكە ئايلاندى. ئامېرىكا مەخپىي مۇلازىمەت دېرىكتورى كىمبېرلىي چىتلې ئىستىپا بەردى ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ سايلام رىقابىتى پائالىيىتىدە سۈيقەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن تەنقىدكە ئۇچرىغان ئامېرىكا مەخپىي مۇلازىمەت دېرىكتورى كىمبېرلىي چېتلې ئىستىپا بەردى. چاتلېنىڭ ئىستىپا بېرىشى تۈنۈگۈن ئاۋام پالاتاسىدا قاتناشقان يىغىندا سابىق پرېزىدېنت ترامپقا قارىتىلغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندىن كېيىن يۈز بەردى. 4 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان يىغىندا، ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى چېتلېدىن سوئال سورىدى ھەمدە ئۇنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، ئۇنى «دەرھال ئىستىپا بېرىش» كە چاقىردى. كرېمىل سارىيىنىڭ «ئەردوغان-ئەسەد موسكۋا ئۇچرىشىشى» توغرىسىدىكى ئىنكاسى كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان بىلەن سۈرىيە پرېزىدېنتى ئەسەدنىڭ ئاۋغۇستتا موسكۋادا كۆرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، كرىمېل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ بۇ خەۋەر توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، روسىيەنىڭ «ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقى» نى ئېيتقان، ئەمما بۇ خىل ئۇچرىشىشنىڭ موسكوۋادا ئېلىپ بېرىلىدىغان-بېرىلمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرمىگەن. كامالا خاررىس ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ پارلامېنتتىكى يىغىنىغا قاتناشمايدۇ ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن نامزاتلىقتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئورنىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن كامالا خاررىس، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياخۇ سۆز قىلىدىغان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللىغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلەنگەن بايدېن ھۆكۈمىتىدىكى 2-نومۇرلۇق شەخس بولغان خاررىسنىڭ نېتانياخۇ بىلەن كۆرۈشۈشى ۋە ئۇنىڭ غەززە سىياسىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى تالاش-تارتىش قىلىنماقتا #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur