كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلارغا ياتلىق قىلىش سىياسىتىنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ خەلق ئىشلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بار يېقىنقى ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا قوشۇلۇپ كېتىشىنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلەرنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويماقتا. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر ئەرلىرىنى ئاساس قىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە لاگېرلارغا قاماش ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىرلىرى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. ئۆزىنى «شىنجاڭ لايىقىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى» نىڭ خادىمى دەۋالغان بىر ئۇيغۇر قىزى، بۇ شىركەتنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ تۇرمۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا لايىق تونۇشتۇرۇشنى كەسىپ قىلغانلىقىنى ئاشكارا بايان قىلىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن بۇ يات ۋە ئەخلاقسىز ھادىسىگە قارىتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ياتلىق بولۇشقا دەۋەت قىلىدىغان، شۇنداقلار خىتايلاردىن لايىق ئىزدەيدىغان كەسپىي مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ۋە تور سۇپىلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان. يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققان پاكىتلار، بۇ تەشۋىقاتلارنىڭ ئارقىسىدا خىتاي خەلق ئىشلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ قۇلى بارلىقىنى ئاشكارىلىماقتا. شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن «ئۈنسىز چۇقان» فىلىمىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تۈركمەن بىرلەشمىسى شەرقىي تۈركىستان دۆلەت بايرىمىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا مۇناسىۋەتلىك «ئۈنسىز چۇقان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېكايىسى» ناملىق فىلىمىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىنى تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدە ئۆتكۈزدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىلىمگە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى جەمال ئاككۇش رېژىسورلۇق قىلغان بولۇپ، تۇنجى قويۇش مۇراسىمىغا تۈركمەن بىرلەشمىسىنىڭ تۈركىيە رەئىسى ئەرفان تاتلىئوغلۇ، بۇرسا شەھەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى شەۋكەت ئورخان، سابىق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى فاتىھ ئاكار، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى نىلۇفېر رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋەيسىل چەرمى قاتارلىق يۈزلىگەن كىشى قاتناشقان. خىتاي ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ۋە خەلقنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشقا زور كۈچ سەرپ قىلماقتا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ، خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەكتەپلەرگە خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخىي ئەسلىمىلىرى» نامىدىكى يالغان تارىخ تونۇشتۇرۇلغان فىلىمنى كۆرۈشكە مەجبۇرلىغان. خىتاي كۈندىلىك گېزىتى تورىنىڭ 10-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى تەۋەلىكىدە داۋاملىق تۈردە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ۋە باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈشكە مەجبۇرلىغان. كۇچا شەھىرى 12 ئورۇندا ئاساسىي قاتلامدا فىلىم قويۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، يېزا-بازار، مەھەللە، مەكتەپ ۋە باشقا جايلاردا ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى 4826 قېتىم قويغان بولۇپ، 724 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى مەجبۇرىي كۆرۈشكە تەشكىللىگەن. بىرىتانىيە نېفىت شىركىتى بىلەن Spotify ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق كاربون كىرېدىتى سېتىۋالغان ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيەدىكى تاراتقۇلار تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بىرىتانىيە نېفىت شىركىتى BP بىلەن دىگىتال مۇزىكا مۇلازىمى Spotify سېتىۋالغان كاربون كىرېدىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، بىرىتانىيە نېفىت شىركىتى بىلەن Spotify سېتىۋالغان كىرېدىتنىڭ كېلىش مەنبەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىئو-ئۆسۈملۈكنى يېقىلغۇ قىلغان بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ كاربون قۇرۇلۇش تۈرىدىن كەلگەن ئىكەن. بۇ ئەھۋال «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بىلەن گوللاندىيەدىكى «پۇل» ناملىق بىر دىگىتال ئۇچۇر تورى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولغان. بايدىن شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ مۇناسىۋەتنى «نورماللاشتۇرۇشىنى» ئۈمىد قىلدى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ مۇناسىۋەتنى «نورماللاشتۇرۇشنىڭ بىر قەدىمى» بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بايدېن ئاقسارايدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بايدىن ئۆزىنىڭ خىتاي پرېزىدېنتى شى بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئالاقىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتنى «نورماللاشتۇرۇشنىڭ بىر قەدىمى» بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ «كرىزىس يۈز بەرگەندە تېلېفوننى ئېلىپ پاراڭلىشالايدىغان بولۇش» ۋە «ئارمىيەلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى» ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur