UYGUR TV

16/4/2024 ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرى مۇسادىرە قىلىندى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرى مۇسادىرە قىلىندى شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ قانۇنلۇق ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر خەلقى ئىشغال قىلىنغاندىن بۇيان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى بىلەن بىللە خىتاينىڭ ئېكىسپېدىتسىيەسى ئاستىدا ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتىدۇ. ئۇلار ئاخىرقى قالغان يەرلىرى ۋە ئازغىنە بايلىقلىرى بىلەن ھايات قېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقاندا، رەھىمسىز ئىشغالچىلار بۇنىمۇ ئۇلاردىن تارتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىگە تارقالغان سىن كۆرۈنۈشى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىگە قارا قولىنى ئۇزۇتىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىر سىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇمۇل شەھىرىنىڭ 2- ئاسلان بازىرىنىڭ 1-مەھەللىسىدىكى بىر خانىم يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى ۋە «ئەگەر ئۇ يەرلىرىمىزنى بىزدىن ئېلىۋالسا، قانداق قىلىمىز؟ بىز تۇرمۇشىنى قامدايمىز، ئۈچ بالىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز، بىزنىڭ ھالىمىزدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوقمۇ؟ بىزگە بۇنداق زۇلۇم قىلىشنىڭ ئورنىغا، بىزنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن بولساڭ ياخشى بولاتتى. ئەگەر بىزنى تۈرمىگە تاشلاپ ياكى بىزنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولساڭ ياخشى بولمامدۇ؟" دەپ شىكايەت قىلغان. ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئايشە خانىم يەرلىككە قويۇلدى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدىكى ئاكتىپلىقى ۋە پەرزەنت تەربىيىسى بىلەن تونۇلغان ۋە بىر مەزگىلدىن بۇيان بۆرەك كېسەللىكى سەۋەبلىك دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئايشە ياسىن خانىم تۈنۈگۈن ۋاپات بولغان ئىدى. باشقا مىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خىتاي زۇلمى سەۋەبلىك تۈركىيەگە كەلگەن ئايشە خانىم، يولدىشى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدىكى ئاكتىپلىقى، جانلىقلىقى ۋە پەرزەنت تەربىيىسى جەھەتلەردىكى تىرىشچانلىقى بىلەن تونۇلغان. ئۇ تۈرلۈك سىياسىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگىمۇ ئاكتىپ قاتناشقان، شۇنداقلا يېقىندا خۇش ئاۋازى بىلەن قورئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ تارقاتقان. مەرھۇمنىڭ مېيت نامىزى بۈگۈن ئىستانبۇل سەفاكۆيدىكى فاتىھ جامەسىدە ئوقۇلۇپ، ئارقىدىن سىلىۋرى رايونىدىكى گۈمۈشكايا مازارلىقىغا دەپنە قىلىندى. رۇسىيە ۋە خىتاي شىركەتلىرى مىس كابېللىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېكسپورت قىلماقتا ئىكەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەدىن ئۇيغۇر دىيارى ئارقىلىق مىس سىملىرىنى ئىمپورت قىلىۋاتقانلىقى، بۇ شىركەتلەر غەربنىڭ جازاسى ۋە تاموژنا بېجىدىن قېچىش ئۈچۈن بۇ مىس سىملىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا بۇزۇپ تاشلاندۇق تۆمۈر-تەرسەككە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 15-ئاپرېل بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ۋەقەدىن خەۋەردار ئۈچ ئۇچۇر مەنبەسى رۇسىيە مىس ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى RCC بىلەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ۋاسىتىچىلەر ئارقىلىق يېڭى ئىشلەپچىقىرىلغان مىس سىملىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگۈزۈپ بۇزۇپ تاشلاندۇق تۆمۈر-تەرسەكتىن پەرقسىز ھالغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ ئادالەتسىز ياردىمى BYD نىڭ ياۋروپا بازىرىغا كېڭىيىشىگە يول ئاچقان ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ماشىنا سانائىتىگە ئادىل بولمىغان ياردەم بېرىش ئەيىبلەشلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئاپتوموبىل شىركىتى BYD نىڭ يەرلىك باتارېيە ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا بېرىلگەن ياردەم ۋە ئۇنىڭ ماشىنىسىنى سېتىۋالغانلارغا بېرىلىدىغان ئېتىباردىن نەپ ئالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. گېرمانىيە كيېل دۇنيا ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان توكلۇق ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچىغا قىلغان ياردىمى 2020-يىلدىكى 220 مىليون ياۋرودىن 2 مىليارد 100 مىليون ياۋروغا ئۆرلىگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بېيجىڭنى توكلۇق ماشىنا سانائىتىگە تۆكمە قىلىپ سېتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىن ئېشىپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇردى. بايدىن: خىتايدا ئىشلەنگەن توكلۇق ماشىنىلارنى چەكلەش كېرەك ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن 2-ئايدىكى چاقىرىقىنى تەكرارلاپ، خىتايدا ئىشلەنگەن توكلۇق ماشىنىلارنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، كېڭەش پالاتاسى بانكا كومىتېتىنىڭ رەئىسى شېررود بروۋېن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «خىتاينىڭ توكلۇق ماشىنىلىرى ئامېرىكا ماشىنا سانائىتى ئۈچۈن مەۋجۇت تەھدىد» دېدى. تاجىكىستان تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇشقا باشلايدۇ تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۆز-ئارا پرىنسىپنى ئاساس قىلىپ، ئادەتتىكى پاسپورت ئالغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋىزاسىز تۈزۈمىنى بىكار قىلدى. بۇ قارار بىلەن، تاجىكىستانغا ساياھەت قىلماقچى بولغان تۈركىيە پاسپورتى بار پۇقرالار ئالدىن ۋىزا ئېلىشى كېرەك. تاجىكىستان پۇقرالىرى 2018-يىلدىن باشلاپ 90 كۈنگىچە ۋىزا ئالماي تۇرۇپ تۈركىيەگە كېلەلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئىشىك تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ 20-ئاپرېلدىن باشلاپ ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن توختىتىلغان. تۈركىيەنىڭ تاجىكىستان پۇقرالىرىغا ۋىزاسىز تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى مارتتا موسكۋادا يۈز بەرگەن ۋە 140 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن بولغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur