UYGUR TV

13/4/2024 مارت ئېيىدا خىتاينىڭ ئېكسپورتى ۋە ئىمپورتى تۆۋەنلىدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ يىللىق روزا ھېيتنى ساخاۋەتلىك ئىشلار بىلەن كۈتۈۋالدى 10-ئاپرېل كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ يىللىق روزا ھېيت بايرىمىنى كۈتۈۋالدى، شۇنداقلا موھتاج ئائىلىلەرگە ياردەم قوللىرىنى ئۇزىتىپ خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئېلىپ باردى. قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان جالالئاباد ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار جالالئابادتىكى ئىكرامباي ھاجىم مەسچىتىدە روزى ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى ۋە ئايەمنى قۇتلىغاچ خەير-ساخاۋەت ئىشلارنى قانات يايدۇردى. بۇ يىللىق روزا ھېيتلىق ساخاۋەتلىك پائالىيەتلەر گېرمانىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قاراقاش بىلەن گېرمانىيەدىكى تۈرك قېرىنداشلىرىنىڭ ياردىمى ۋە جالالئاباد شەھىرىدىكى «ئىتتىپاق جەمئىيىتى» نىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا زور كۈچ سەرپ قىلماقتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارا كۈنتەرتىپىدە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمى ساختا مەيدان ياساپ، چەت ئەل زىيارەتچىلەرنى تەكلىپ قىلدۇرۇشنى كۆپەيتمەكتە ۋە بۇ ۋاسىتە ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياپ، جىنايىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، قورچاق ئەمەلدار ئابدۇرەقىب تۆمۈرنىياز 8-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئەقىل ئامبارلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار ۋە تاراتقۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەن. مارت ئېيىدا خىتاينىڭ ئېكسپورتى ۋە ئىمپورتى تۆۋەنلىدى خىتاينىڭ ئىمپوت ۋە ئېكسپورتى يېڭى يىلدا مۆلچەردىن ئېشىپ باشلانغان بولسىمۇ، مارتتا يەنە تۆۋەنلەپ، تاشقى سودىدىكى ئاجىزلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. خىتاي تاموژنا باش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2024-يىلى 3-ئايدا، ئېكسپورت % 7.5 تۆۋەنلەپ 279 مىليارد 700 مىليون دوللارغا، ئىمپورت% 1.9 تۆۋەنلەپ 221 مىليارد 100 مىليون دوللارغا چۈشۈپ قالغان. تاشقى سودا ئاكتىپ بالانسى 58 مىليارد 600 مىليون دوللار بولغان. ئامېرىكا، كورېيە ۋە ياپونىيە شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ئاقسارايدا ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدا فۇمىئو ۋە فىلىپپىن پرېزىدېنتى فېردىناند ماركوسنى كۈتۈۋالغان پەيتلەردە، ئامېرىكا، كورېيە ۋە ياپونىيە شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى. 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە شەرقىي دېڭىزدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىردا ياپونىيەنىڭ بىر ئۇرۇش پاراختۇى بىلەن ئامېرىكا ۋە كورېيەگە تەۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىلگەن. خىتاي ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىدىكى ھەرىكەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى خىتاي ياپونىيەنىڭ باش مىنىستىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى رەسمىي يوللار ئارقىلىق يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ جىنسوڭ جۈمە كۈنى ياپونىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارى ئاكىرا يوكوچىنى مىنىستىرلىققا چاقىرىپ، ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ياپونىيە-ئامېرىكا باشلىقلار يىغىنىدا ياپونىيەنىڭ پاسسىپ ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرغان. ھەمدە ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىغا قارىتا خىتاينىڭ ئېغىر ئەندىشىسىنى ۋە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. باشلىقلار يىغىنىدا، «ھىندى-تېنچ ئوكياندا خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رايون تەسىرىگە قارشى تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن ھەمكارلىق» ئۇچۇرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئامېرىكا: خىتاي روسىيەنىڭ ھەربىي كېڭىيىشىنى قوللايدۇ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن روسىيە مۇداپىئە سانائىتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بېيجىڭنى ياردەمدىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي 2023-يىلىنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە روسىيە ئىمپورت قىلغان ھەمدە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن بولغان 900 مىليون دوللارلىق قورال ۋە ئۈسكۈنىنىڭ% 70 تىن كۆپرەكىنى تەمىنلىگەن. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur